Lyricist : MD/RiTSAR
Composer : MD/RiTSAR
编曲 : MD/RiTSAR
« قايتىپ كەلگىن »
Hook : RiTSAR
پەسىل قۇشى قارلىغاچتەك ئۇچۇپلا كەتتىڭ ئامرىقىم ،
ھېچ بىلمىدىم نە سەۋەپتىن يىراقلاشتى ئارلىقىڭ .
ئۇنتۇپ قالما ئاشىق زارىنى سەن مېنىڭكى بارلىقىم ،
ئىلتىماسىم ئەمدى يېنىمغا قايتىپ كەلگىن ئامرىقىم…
VERSE 1 : MD
قايتا-قايتا قايتىلاندى ئۆتكەن كۈنلەر كاللامدا…
مۇھاببەتنىڭ شىرىن تەمى ئاپىرىپ چۆلگە تاشلامدا ؟
ۋەدىلەرنى بېرىشكەن ھە ئەسلىمە بولۇپ قالامدا ؟
ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق تەمى يۈرەكلەنى يارامدا ؟!
ئىشەنچىمگە ئېرىشتىڭ سەن بارلىقىمنى ئاتىغان ،
ئۆزەمچە شۇ ۋەدەم بىلەن ئۇلىمىزنى چىڭدىغان .
شۇندىن باشلاپ بۇ يۈرۈكۈم ئۆزگە بىرىگە سوقمىغان ،
ۋاپاسىز دەپ ئاتىدۇقمۇ يىرىم يولدا تاشلىغان .
كىم ئويلىغان ھىكايىمىزنىڭ تىراگىدىيە بولۇشىنى ،
ھەممە ئاشىق ئارزۇ قىلىدۇ ئۆز يارىنىڭ خۇشال تۇرۇشىنى .
توغرا بەلكىم ئېيتقىنىڭ ھەممىنى باشتىن خاتا قىلغان ،
سېنىڭ تاتلىق كۈلكەڭ ئۈچۈن بارچە مېھىرنى ئاتا قىلغان .
ئۆتتى شۇنداق نەچچە قىش سېغىنىپ سېنى كۈنلۈرۈم ،
ئىچىم ئاچچىق ياتالمايمەن ھەسرەت چىكىپ تۈنلۈرۈم .
قايسى بىر كۈچ ئېلىپ كەتتى سېنىڭ ساددا قەلبىڭنى ؟
قولۇمنى سۇندۇم تاتاي دىدىم ئەپسۇس قولۇڭ كەلمىدى .
ئىزچىل شۇنداق ياتمىتى ؟ مەندىكى يۈرەك بىر ساڭا ،
ئۆزەم يىشەي شۇ چىگىشنى ئىچىڭدىكىنى ئېيت ماڭا .
مەندىكى شۇ ساپ نىيەت ئازاپ ئىلىپ كەلگەنما ؟
ساراڭلارچە كۈلۈشكىنىمىز سېنىڭچە بولسا يالغانما ؟
يالغۇزلۇقتا ئۆتكۈزىۋەتتىم سىنى ساقلاپ نەچچە يىل ،
نەچچە رەت مەن ئۇرۇپ قويدۇم يۈركۈم ئەمدى بولدى قىل !
مېنىڭلا ئەمەس گۆش يۈرەكنىڭ ئىزچىل شۇنداق تاللىشى ،
كۆڭلۈڭ بولسا قوقماي دەۋە شۇ يۈرەكنىڭ خاھىشى…
VERSE 2 : RiTSAR
مۇھاببەتكە بىز تەشنا زەخمە بولسىمۇ ،
چۈشىدىكەنمىز توزاق قۇرۇپ لەخمە كولىسىمۇ .
قەلبىمىزگە بەخىت ياكى ئازاپ تولسىمۇ ،
سۆيگۈنىمىز راستچىل ھەتتا كاززاپ بولسىمۇ !
ئاتتى تاڭلار ئۆتتى كۈنلەر بىرسى قوغلاپ يەنە بىرىنى ،
پاتتى ئايلار كۈتتى تۈنلەر ئاشىق-مەشۇق بىر-بىرىنى .
ئىزدەشلىرىڭ ئازلاپ كەتتى ۋاقىتلار ئۆتكەنسىرى ،
كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق بوپ قالدۇقمۇ ئاخىرى ؟
ئەتىرگۈلنىڭ تىكىنى بار دەپ يۈرەككە مىختەك سانجىلىپ ،
تۆمۈر كەبى كۆڭۈل بولسىمۇ ئىگىلىپ سوقۇلۇپ يانجىلىپ .
بىللە سوققان ئىللىق يۈرەكلەر ئىككى تەرەپكە قايرىلىپ ،
بىرئۆمۈر دەپ قەدەم باسقانلار سەپەرنىڭ بېشىدا ئايرىلىپ…
چىن يۈرەكتىن سۆيەتتىم سېنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا ،
ئوتلۇرۇڭدا كۆيدۈرۈپ مېنى قالدۇرۇپ ئىشقى پىراقتا .
ئۆتتى نۇرغۇن ۋاقىتلار ، ئۆچتى يانغان چىراقلار ،
سەندىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ تۈگىشىپ كەتتىم بىراقلا !
ئىلتىماسىم قايتىپ كەلگىن بىز قايتىدىن باشلايلى ،
ئىز قالدۇرغان كونا يولغا يېڭىچە قەدەم تاشلايلى .
توي قىلايلى تېز ! ئۆيگە مېھمانلارنى باشلايلى ،
ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىز بىللە ياشايلى .
X2
كونا جايدا سېنى ساقلايمەن ، ئۆتۈنەي جېنىم !
ئەمدى يېنىمغا قايتىپ كەلگىن ، قايتىپ كەلگىن…