كەچ كۈزنىڭ ئاسمىنىدىن چۈشتى يۇلتۇزلار تارام-تارام
سان-ساناقسىز تۈنلەر ئۆتتى ئۇيقىسىز ئارام ھارام
يەنە بارمىدۇر مۇشۇنداق كۈندە-كۈندە بىئارام
يېرىلماقتا پۈتمىگەن جاراھەت باغرىمدا يارام
كۆزۈم نۇرى يوق،كۆزۈمنىڭ نۇرى يوق
بىچارە يالغۇز قالدىم مەن سۆيۈملۈكۈممۇ يوق
ئۆزۈمنىڭ گۈلى يوق،ئۆزۈمنىڭ گۈلى يوق
بىچارە يالغۇز قالدىم مەن سۆيۈلۈكۈممۇ يوق
قانچە تۈنۈم ئۆتتى بىلمەيمەن
سەنسىز خۇشال كۈلمەيمەن
كېچىدە يۇلتۇز سانايمەن
ئۇيقىغا يېقىن كەلمەيمەن
مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكىنىدە يۈزىڭدىن
سىم سىم يامغۇر سىرغىپ چۈشسە
مەڭزىڭ بويلاپ لېۋىڭدىن
جىنىم سېنى ئۇنىتالمايمەن،شۇ كۈننى ئۇنىتالمايمەن
كېچىدە سېنى ئەسلەيمەن گۈلۈم سېنى ئويلايمەن
مەجنۇنتاللار سۇ ئىچمەككە گەۋدە ئەگسە
بېرىپ قولۇم تەگسە،سېنى ئويلايمەن
گۈلۈم سېنى ئەسلەيمەن
مەن سېنى ھېچ كىمگە بەرمەيمەن
ھېچ كىمگە بەرمەيمەن
سېغىنىش ئاۋازى يېتىپتۇ كۆككە ئاڭلىدىڭمۇ سەن
تولۇپتۇ ئىچىمگە دەردىمنى مەن ئەمدى كىمگە ئېيتىمەن
بىھاجەت قۇياشمۇ ئىللىشقا كۇپايە كۆزىڭنىڭ نۇرى
گوياكى گۈل ئىشقى شەيداسى بۇلبۇلدەك تاڭنى كۈتىمەن