menu-iconlogo
huatong
huatong
rahman-kalma-amdi-cover-image

Kalma Amdi

rahmanhuatong
rakdragonhuatong
歌詞
作品
يوللىرىڭغا ئىنتىزار بولدۇم

ھېچ كەلمىدىڭ ھەسرەتكە تولدۇم

كەچكۈزدىكى غۇنچىدەك سۇلدۇم

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

خىياللاردىن ئىزدەيتتىم دىدار

سېغىنىشلار قىلغاندا بىمار

كۆنۈپ قالدىم يالغۇزلۇققا يار

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا يار

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئەي بىۋاپا يار

بۈگۈن يەنە كىلىمەن دەپ بېرىپسەن خەۋەر

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

مۇزىكا

تۈگىمىدى ھېچ يالغانلىرىڭ

ماڭا ئازاپ بۇ ھېجرانلىرىڭ

مەنسىز خۇشال ئۆتسە كۈنلىرىڭ

كەلمە ئەمدى، يېنىمغا كەلمە

ئەمدى ساڭا فىدا ئەمەسمەن

سېنى بىۋافانى سۆيمەسمەن

سېغىنغىنىم كەلگىن دىمەسمەن

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا يار

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئەي بىۋاپا يار

بۈگۈن يەنە كىلىمەن دەپ بېرىپسەن خەۋەر

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

مۇزىكا

مېنى يالغۇز ئويلىما ئەسلا

مەن يالغۇزغا يالغۇز بار يەنە

مەن سېنىڭدىن سەن مەندىن ئادا

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

سۆيۈپ دىلغا نامىڭنى ئويدۇم

لىكىن يالغان سۆيگۈدىن تويدۇم

تۇيغۇلىرىم يۈتتۈرۈپ قويدۇم

كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئۇنۇتقىنىمدا يار

كەلمە ئەمدى، كەلمە ئەمدى ئەي بىۋاپا يار

بۈگۈن يەنە كىلىمەن دەپ بېرىپسەن خەۋەر

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

كەلمە ئەمدى ئاۋارە بولما

——

『阿不都拉工作室』出品

「编词:ALM灬阿帅」

更多rahman熱歌

查看全部logo

猜你喜歡